مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى، گۈزەل شىنجاڭ يېڭى قىياپەتكە كىردى

    ئامانگۈل2017-10-12 10:50:10شىنجاڭ گېزىتى
    چەت ئەللىك ئەربابلار شىنجاڭنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بەردى شىنخۇا ئاگېنتلىقى  جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا كەڭ كەتكەن گۈزەل ماكان شىنجاڭ بار. بۇ جاي قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان رايون، شۇنداقلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ. بۈگۈن بۇ يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، قەدىمىي زېمىن يېڭى قىياپەتكە كىردى. شىنجاڭغا كېلىپ باققان نۇرغۇن چەت ئەللىك ئەرباب مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ، يۈكسىلىشىنىڭ ئۇل تېشى، دەپ قارىدى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاق ياشاۋاتقان شىنجاڭ چوقۇم ئەبەدىي ئەمىن، تېخىمۇ ئاۋات – باي، مەدەنىي بولىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ.  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتنىڭ ئۇلتېشى  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىنىڭ ئۇل تېشى.  ھىندىستان جۇڭگو تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دىباسىز چاۋدىرى 2007–يىلى ۋە 2014–يىلى شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن، ئۇ بۇ ئىككى قېتىملىق زىيارەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تاشيول، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرايدىغان ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتقا قاتناشتۇرۇشى جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق.  شىنجاڭدا ئون نەچچە كۈن زىيارەتتە بولغان ئىرانلىق مۇخبىر ھەمدۇلرا ئېمادى خادالى مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ، دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.  شىنجاڭغا كۆپ قېتىم كەلگەن پاكىستانلىق ئەرباب، پاكىستان – جۇڭگو سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئامانۇرا خان شىنجاڭدا كۆپ مىللەتنىڭ ئېجىل – ئىناق ئۆتىدىغانلىقى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ بىللە ئىناق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر تەسىرات ئالغان. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتىدىكەن، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېز ئىكەن، ھەر قېتىم شىنجاڭغا كەلگىنىمدە يېڭى نەرسىلەرنى بايقايمەن ۋە ئۆزگىچە تەسىراتقا ئىگە بولىمەن، يېڭىدىن ياسالغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنى، يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن ئېگىز بىنالارنى، سانائەت رايونلىرىنى، ئايروپورتلارنى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزلارنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن.  ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادىتى ئىنتايىن ياخشى قوغدىلىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنىپتۇ، قەشقەردە يەرلىك ھۆكۈمەت ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياسىشىنى قوللاش ۋە يەرلىك ناخشا – مۇزىكا، ئۇسسۇللارنى نامايان قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار كەنتى قۇرۇپتۇ ۋە مۇزېي ئېچىپتۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق بۇ تەدبىرلەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.  خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشىماقتا  شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇشتا، خەلققە پايدىلىق بولۇش ئاساس قىلىندى. 1978 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليارد 907 مىليون يۈەندىن 961 مىليارد 723 مىليون يۈەنگە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 313 يۈەندىن 40 مىڭ 427 يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم – ئايرىم 246 ھەسسە ۋە 129 ھەسسە ئاشتى.  ئامانۇراخان ئىلگىرى قەشقەرگە تەكشۈرۈشكە كەلگەن ۋاقىتلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى نەتىجىسىدە، شەرقىي رايونلاردىكى ئىلغار كارخانىلار بەس – بەستە ‹‹شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ››، شىنجاڭغا كېلىپ زاۋۇت ياكى تارماق ئورگان قۇرۇپ، يەرلىكتىكى ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى. شېنجېن سانائەت رايونىدا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ياساش ۋە توقۇلما بۇيۇملارنى پىششىقلاش كارخانىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 3000دىن ئارتۇق يەرلىك ئىشچى سېخلاردا ئىشلەۋاتىدۇ. سانائەت رايونى يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىسىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما بۈگۈنكى كۈندە ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، ئاسفالت يوللاردا ماڭىدىغان، تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولدى...  ئىلگىرى شىنجاڭغا كەلگەن پاكىستانلىق ئاخباراتچى سۇلتان مەخمۇد خاررى مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى ئۆزگىچە بولغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بۇ سىياسەت پاكىستاننىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. شەرقىي رايوننىڭ غەربىي رايونغا ياردەم بېرىپ، ئۇلاردىن جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماسلىقى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىشىگە، بىر – بىرىنى يۆلىشىگە ئوخشايدۇ، مەن بۇ سىياسەتنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم.  شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆپ يىلدىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن رۇسىيەلىك شەرقشۇناس ئولېگ ياكوۋلېۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا خەلق تۇرمۇشى، كەلگۈسى مەنپەئەت كۆزدە تۇتۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى تېز ئاشتى، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەر كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، زامانىۋى سانائەتلىشىش سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەندى، سانائەتنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.  يىپەك يولىدىكى يادرولۇق رايون يېڭى تۈسكە كىردى  شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ يادرولۇق بەلبېغىغا جايلاشقان، قەدىمدىن تارتىپلا مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ۋە سودا مەركىزى، ھازىر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا تەڭداشسىز ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە. تارىختا يىپەك يولىدىكى ئاساسلىق قاتناش قورالى بولغان تۆگە كارۋىنىنىڭ ئورنىنى ھازىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پويىزلار ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى ئالدى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلاندۇردى، غەربكە قاراپ ماڭغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى شىنجاڭدىكى ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بارىدۇ.  ئولېگ ياكوۋلېۋ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى ئېنىق، قەدىمى پۇختا بولدى. شىنجاڭ جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئاساسىدا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، مال تارقىتىش مەركىزى، قۇرۇقلۇق قاتناش پورتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، رايون ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان يادرولۇق رايونغا ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەك رايونغا ئايلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تارىخىي پۇرسەت، يېقىن كەلگۈسىدە، شىنجاڭ يىپەك يولىدىكى گۆھەرگە ئايلانغۇسى.  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىدىكى بايراقدار تۈرنىڭ بىرى بولغان جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى شىنجاڭ قەشقەردىن باشلىنىدۇ. 2016–يىلى 10–ئاينىڭ ئاخىرى 50 يۈك ئاپتوموبىلىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە سودا ئاپتوموبىل ئەترىتى قەشقەردىن يولغا چىقىپ، 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، ئىقتىساد كارىدورىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى پاكىستان گۋادار پورتىغا يېتىپ باردى.جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن ماللار بۇ يەردىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىشقا باشلىدى.  ئامانۇرا خان شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن تولىمۇ ئۈمىدۋار. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ. شىنجاڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەچكە، يەنە كېلىپ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتىشىدىغان دەرۋازىسى ۋە يىپەك يولىدىكى قاتناش تۈگۈنى بولغاچقا، چوقۇم تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدۇ.
    ئەسكەرتىش: تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.