مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى مەڭگۈ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى

    ئامانگۈل2017-10-12 10:54:20شىنجاڭ گېزىتى
    ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى باقتىيېۋ ئىنايات  قازاقلاردا مۇنداق تەمسىل بار: ‹‹قېرىنداشلار ئىناق ئۆتسە، ماللىرى كۆپىيەر؛ ئېپى يەڭگىلەر ئىناق ئۆتسە، ئوزۇق – تۈلۈك كەم بولماس››. شىنجاڭ ئەزەلدىن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ماكانى، شۇنداقلا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مۇنبەت تۇپراق؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتكەچكە، بۈگۈنكىدەك بىرلىككە كەلگەن، خاتىرجەم، ئىقتىساد يۈكسەلگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەم، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.  چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، بىزنىڭ خاتىرجەم، ئاسايىشلىق بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. مەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن سىستېمىسىدا باشلامچىلىق بىلەن نەمۇنە بولۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، زەربىدارلاردىن بولۇپ، ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى مەڭگۈ ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن.  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك پەيدا قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى، بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممەيلەننىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلايمەن. ۋەتىنىمىز پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو. ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشقاندىلا، شىنجاڭ ئاندىن گۈللىنىپ راۋاجلىنىدۇ. مەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرغا خاس نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مەڭگۈ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن.  ھازىر، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئاساسىي ۋەزىيىتى تۈپتىن ئۆزگەرمىدى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› يەنىلا مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مەن ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرغا خاس نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە پائال باشلامچىلىق قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئوخشىمىغان مىللەت كىشىلىرى بىلەن كۆپرەك تۇغقانلىشىپ، كۆپرەك دوستلىشىپ، ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆپرەك ياردەم بېرىپ، ئەتراپىمدىكىلەر ۋە بارلىق كادىرلار، ئاممىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مەڭگۈ مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن.  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت. بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھېچقانداق مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ زېمىنىدىكى زەھەرلىك چۆپ ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەك. مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئېچىپ تاشلاپ، تەنقىدلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشىلەر ۋە ئىشلارنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ ۋە مەلۇم قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنىدىغانغا ۋە قاچىدىغانغا جاي قالدۇرماي، بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلمىغۇچە قەتئىي بولدى قىلمايمەن؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە تەلتۆكۈس زەربە بېرىپ، ئۇلارنى پاك – پاكىز تازىلاپ، پاك – پاكىز قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مەڭگۈ مىخلايمەن. ھاياتىم ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مۇتلەق ساداقەتمەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ، ھاياتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداپ، مەڭگۈ مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن.  مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خۇددى ھاۋا بىلەن قۇياش نۇرىدەك توختاۋسىز مەنپەئەت ئاتا قىلماقتا، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالساق، ياشاش تەسكە توختايدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىش مۇساپىسىدە، مەڭگۈ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن.
    ئەسكەرتىش: تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.