تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

bv1946伟德_韦德国际娱乐_国际伟德手机版1946【亚洲极速通道】

  ياش – ئۆسمۈرلەر ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ياخشى كۆرىدۇ. كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنى دەرسلىك كىتابنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە پايدىلىق، دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەغەز باسما كىتاب بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.   تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئۆگىنىشكە تېگىشلىك مەزمۇن بىر بەتتىن ئېشىپ كەتسە، باسما دەرسلىك كىتاب ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن. ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى ئوقۇش سۈرئىتى باسما كىتابنى ئوقۇش سۈرئىتىدىن تېز بولىدىكەن. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشى باسما كىتابنى ئوقۇغاندىكىگە يەتمەيدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب ئۇزۇنراق مەزمۇنلارنى كۆرۈشتە ئېكراننى پات – پات دومىلىتىپ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەچكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەزكەزلەشتۈرۈشىگە پايدىسىز بولىدىكەن.   تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئوقۇشنىڭ مەقسىتى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بەزى ئوقۇشلاردا ماتېرىيالنىڭ ھەممە مەزمۇنىنى ئەتراپلىق ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، يەنە بەزى ئوقۇشلاردا ماتېرىيالنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تېز سۈرئەتتە ئىگىلەشكە توغرا كېلىدىكەن، باسما كىتاب مەدەنىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپ، باسما كىتابنىڭ خاراكتېرى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە بېرىدىغان يېقىملىق تۇيغۇنى ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ھەرگىزمۇ بېرەلمەيدىكەن، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنىڭ تەرەققىياتى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باسما كىتاب ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئەھمىيىتىنى يوقاتمايدىكەن.   ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى