تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

bv1946伟德_韦德国际娱乐_国际伟德手机版1946【亚洲极速通道】

    چىشنى ياخشى چوتكىلىغاندا چىشنى ياخشى ئاسراپلا قالماي يەنە قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.    نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «راك كېسىلى تەتقىقاتى» ئايلىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار 122 مىڭ ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇق ئەۋرىشكىسىنى تەھلىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 106 نەپەر تەكشۈرۈش ئوبيېكتى10 يىل ئىچىدە قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولغان. تەتقىقاتچىلار ئېغىز بوشلۇقى ئىچكى قىسمى بىلەن چىش مىلىكى ياللۇغى باغلىنىشلىق بولغان باكتېرىيە مىقدارى يۇقىرى بولسا، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى % 21 ئۆرلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. بىراق، تەتقىقاتچىلار قىزىلئۆڭگەچ راكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى قايسى خىل باكتېرىيەلەر ياكى چىش مىلىكى ياللۇغىمۇ بۇنىڭغا تېخى ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيدىكەن.   مەسئۇل تەتقىقاتچىنىڭ دېيىشىچە، قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئانچە ئېنىق بولمىغاچقا،  نۇرغۇن كىشىلەر دىياگنوز قويۇلغان چاغدا ئاللىقاچان راكنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، ھايات قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولمايدىكەن. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا چىش مىلىكى ياللۇغى قىسمەن قىزىل ئۆڭگەچ راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ تەتقىقاتتا ئېغىز بوشلۇقى مىكرو ئورگانىزملار توپىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە رولىنى چۈشىنىشنىڭ قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياكى بالدۇرراق بايقاشقا ياردىمى بارلىقى ئېيتىلغان.            خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى