تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

bv1946伟德_韦德国际娱乐_国际伟德手机版1946【亚洲极速通道】

  قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا  ئېغىر كېسەل  ھېسابلانمايدۇ، بىراق كىچىك بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا ئېيتقۇسىز بىئارام بولۇشتىن سىرت يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالىدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ ئاشقازان -ئۈچەي ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاتا-ئانىلار يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. سەۋزە
ماتېرىيال : سەۋزە بىر باش 
تەييارلاش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردىكى يېڭى سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ سۇدا ئېزىلگىچە پۇشۇرۇپ سۈزۈۋالىمىز، ئاندىن  قوشۇق بىلەن يانجىيمىز، ئۈستىگە ئاز مىقداردا پىشۇرۇلغان سەۋزە سۈيىنى قويىمىز،شېكەر قوشۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئىچى سۈرۈشنى ئېغىرلاشتۇرېۋىتىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 100 مىللىلىتىر سەۋزە سۈيىگە 10 ~ 5 گرام ئېزىۋالغان سەۋزىنى قويىمىز.
 ئۈنۈمى : بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئىچ سۈرۈشىنى ياخشىلايدۇ
گۈرۈچ ئۇمىچى  ماتېرىيال: تېرىق، شېكەر  تەييارلاش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردىكى تېرىقنى يانجىپ ئۇۋۇتىمىز، ئاندىن قازانغا سېلىپ سۇس ئوتتا ساغارغىچە قورۇيمىز. ئىستېمال قىلغاندا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ، شېكەر قويۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،كۈنىگە 2-3قېتىم ئىچسە بولىدۇ.
  ئۈنۈمى:بەدەندىكى  زەھەرنى ھەيدەپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار.
نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ تالقىنى
ماتېرىيال: نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ تالقىنى، قارا شېكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردىكى نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ تالقىنىنى ئېلىپ ، سۇدا ئېرىتىپ، بىر پارچە نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ تالقىنىغا بەش ئۈلۈش سۇ، ئازراق قارا شېكەر قوشۇپ،  سۇس ئوتتا قاينىتىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ئىككى - ئۈچ قېتىم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
كاشتان ئۇمىچى
 ماتېرىيال: كاشتان 15 تال، گۈرۈچ 60 گرام
 تەييارلاش ئۇسۇلى: كاشتاننى ئاقلاپ، قايناقسۇغا باسىمىز، ئاندىن قۇرۇتۇپ، تالقان ھالەتكە كەلتۈرىۋالىمىز. گۈرۈچ، سۇ، كاشتان تالقىنىنى ئارلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا بىر سائەت قاينىتىمىز.
 ئۈنۈمى : ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپ، قۇۋۋەت تولۇقلاپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
 پىشقان ئالما
  ماتېرىيال : بىر دانە ئالما
 تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالمىنى پارچە توغراپ، ئىلمان سۇدا 3 ~ 5 مىنۇت قاينىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 ~ 50 گرام ئىستىمال قىلىنسا بولىدۇ. (شېكەر قوشۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئىچى سۈرۈشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. )
  ئۈنۈمى : ئالما ئىشقارلىق يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى بىلەن تاننىن كىسلاتاسى  ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى