تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

bv1946伟德_韦德国际娱乐_国际伟德手机版1946【亚洲极速通道】

(ماتېرىيال سۈرەت)   شەھەر ئىستېمالى شەھەر گېزىتى خەۋىرى: تونېل تاشيولىدا ئاپتوموبىللار يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ، لېكىن بەزى شوپۇرلار تەلەي سىناش ئويىدا بولۇپ، تونېل ئىچىدە خالىغانچە يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ. 8-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئالىي قاتناش تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى بىر قاتار قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سۈرەتكە تارتىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تونېل ئىچىدە يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئېلېكتىرونلۇق ساقچى تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان.    مۇخبىرنىڭ ئالىي تاشيول تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتوموبىللار تونېلغا كىرگەندە، ئېلېكتىرونلۇق ساقچى سىستېمىسى ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ھالىتىنى ئاپتوماتىك سۈرەتكە تارتىدىكەن. ناۋادا ئاپتوموبىل يۈرۈش يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولسا سىستېما تارتقان سۈرەت ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ھەرىكىتىگە ئىسپات بولالايدىكەن.    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 38-ۋە 90-ماددىسىدا، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى مەنئىي قىلىش بەلگە سىزىقىغا خىلاپ ھالدا يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتسە ئۈچ نومۇر تارتىلىپ، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى