تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

bv1946伟德_韦德国际娱乐_国际伟德手机版1946【亚洲极速通道】

 ئۆز خەۋىرىمىز: 13-نۆۋەتلىك ئۇلۇڭگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش ساياھەت ـ مەدەنىيەت پائالىيىتى 20-يانۋار بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ . ئىگىلىنىشچە، 4-يانۋار خىزمەتچىلەر پائالىيەت مەيدانىدىكى مۇز ئويما، مۇز تاملارنى ياساش خىزمىتىگە كىرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قار تېيىلىش مەيدانى، 4000 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش مەركىزىدىمۇ قۇرۇلۇش ئاخىرلاشقان بولۇپ، مۇراسىملارنىڭ تەييارلىق خىزمىتىمۇ جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ.
  بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى پائالىيەت مەيدانى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ دېڭىز ئۈستى ئالۋاستى شەھىرى مەنزىرە رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان پائالىيەت تۈرلىرى كۆپەيتىلگەن.
  دېڭىز ئۈستى ئالۋاستى شەھىرى قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇش مەيدانىدا سېلىنىۋاتقان، قىيىنلىق دەرىجىسى ھەرخىل  ئۈچ قار تېيىلىش لىنىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ بولغان بولۇپ، 15-يانۋار ساياھەتچىلەر بۇ قار تېيىلىش لىنىيەسىدە قار تېيىلسا بولىدىكەن. 
  بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئىت چانىسى، مۇز تېيىلىش، مۇز ئۈستىدە ئاپتوموبىل ھەيدەش، مۇز ئۈستىدە تۆگە ھەيدەش، ئات بەيگىسى، قىز قۇۋار قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قار ئۈستى پائالىيەت تۈرلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىكەن.
  تۆۋندە بىز ئىلگىرىكى يىللاردىكى پائالىيەتلەردىكى كۆرۈنۈشلەردىن ھۇزۇرلىنايلى.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى