تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

bv1946伟德_韦德国际娱乐_国际伟德手机版1946【亚洲极速通道】

   ئامېرىكا «ساغلام كۈنلەر» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بۆرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە، شېكەر تەركىبى بار گاز سۈيى ئىچىملىكلىرىنى ئىچىشكە ئامراق كىشلەرنىڭ بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خېيىم-خەتىرىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئالىملار ياپونىيەنىڭ مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكاندىن ئارتۇق، تەركىبىدە شېكەر بولغان گاز سۈيى ئىچىملىكلىرىنى ئىچىدىغانلارنىڭ سۈيدۈكىدىكى ئاقسىل مىقدارى بۇ خىل  ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىدىغان ياكى ئىچمەيدىغانلارنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، ھەمدە سۈيدۈكىدە ئاقسىل پەيدا بولغانلىقى بۆرىكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ دەسلەپكى بەلگىسى، دەپ قارىغان.    چاشقاننى تەجرىبە ئوبيېكتى قىلغان يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، مېۋە شېكىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بۆرەكتىكى تۇز تەركىبىنى تەڭشەيدىغان ئاقسىلنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بۆرەكتىكى ھۈجەيرىنىڭ تۇز تەركىبىنى قايتا قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى كېلىپ چىقىدىكەن. بۇ ياشانغانلارنىڭ تەركىبىدە شېكەر ماددىسى بار بولغان گاز سۈيى ئىچىملىكلىرىنى ئىچىشى بىلەن ئۇلاردىكى دىيابېت كېسەللىكى، سېمىزلىك كېسەللىكى، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش ۋە يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئوتتۇرىسدا باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  • ئۇرۇگۋاي كوماندىسى 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى
  • جيەندې شەھىرىدە كۆكتاتلار تۇپراقسىز يېتىشتۈرۈلدى
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى