تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

bv1946伟德_韦德国际娱乐_国际伟德手机版1946【亚洲极速通道】

  ئۆز خەۋىرىمىز: ئۈرۈمچىدە بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونلار تاپشۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، خوجىلىق شىركەتلىرى نەق مەيداندا لېفىت، ئوت ئۆچۈرۈش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، كېرەكسىز سۇ بىر تەرەپ قىلىش، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئولتۇراق رايون ئاممىۋى جامائەت ئەسلىھەسى قاتارلىقلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خوجىلىق بۆلۈمى تەكشۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتمىگەن ئولتۇراق رايونلاردىكى ئۆيلەرنى تاپشۇرۇشقا بولمايدىكەن.    مۇخبىرنىڭ 8-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خوجىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە خوجىلىق تەكشۈرۈپ قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن. شۇنىڭدەك ئۆي-مۈلۈك ئېچىش سودىگىرى ئۆي تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن، ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ۋە خوجىلىق شىركىتى بىرلىكتە ئولتۇراق رايوننىڭ ئاممىۋى جامائەت ئەسلىھەسى قاتارلىقلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئېلىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىكەن.      ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى خوجىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما چياڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، خوجىلىق بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى ئارقىلىق قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ قالدۇق  مەسىلىلىرىنى ئازايتىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.     2017-يىل يىل ئاخىرىدا، ئۈرۈمچىدىكى شاڭخەي سارىيى، ياشەنجۈن ئىككى ئولتۇراق رايوندا خوجىلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى  سىناق يولغا قويۇلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى