تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

bv1946伟德_韦德国际娱乐_国际伟德手机版1946【亚洲极速通道】

  ساۋەن ناھىيەسى ئۇلان ئۇس بازىرىنىڭ تەشۋىقات كادىرى مەدىنە ئىسمائىل   مەن كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، 2014- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تاللانغان ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ساۋەن ناھىيەسى ئۇلان ئۇس بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىشقا چۈشۈپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولدۇم.   بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يۇرتۇم ـــ  جىمىسار ناھىيەسىگە باردىم، رەت- رەت بىنالار قەد كۆتۈرگەن، رەتلىك، پاكىز، كەڭ كوچىنى بويلاپ مېڭىپ تەنتەربىيە مەيدانىغا كەلدىم، بۇرۇنقى توپىلىق مەيدان ھازىر باشقىچە «زىننەتلەنگەن» بولۇپ، كىشىلەر پىلاستىك يۈگۈرۈش يولىدا ئاستا يۈگۈرۈۋاتاتتى. مومام قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى بوۋىڭىز بالكوندا كىتاب ئوقۇيدۇ، مەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرىمەن، كەنجى نەۋرە سىڭلىڭىز مەكتەپكە ئوقۇلبۇستا بېرىپ كېلىدۇ، بىز غەم يېمەيدىغان بولدۇق، يېقىندا يەنە مەھەللىگە بېرىپ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتتۇق. كۈنلىرىمىز ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ.   تۇرمۇشىمىز بەختلىك بولغانسېرى قەدىرلەشنى شۇنچە بىلىشىمىز كېرەك. ھالبۇكى، بىر ئوچۇم كىشىلەر دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ چىرىتىشى ۋە زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ پايدىلىنىش قورالىغا ئايلىنىپ، دۆلەت، خەلققە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى. ئۇلار بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز، جەمئىيەتنىڭ داشقىلى، مىللىي مۇناپىق.   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر قانداق ۋاقىتتا كاللامنى سەگەك تۇتىمەن، بولۇپمۇ چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، خاتا ئىدىيەلەرگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرىمەن. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي توسۇشقا ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىشكە يېتەكلەپ، زوراۋان- تېررورچى ئۇنسۇرلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالەتكە چۈشۈرىمەن.   ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. تەشۋىقات كادىرى، پۇقرا تەشۋىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تېگىگە يېتىش، ئەمەلىي پايدىلىنىشقا كۈچەپلا قالماي، يەنە تەشۋىقات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقنى مەركەز قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مول مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق مەدەنىيەت بازىسىنى مەھكەم ئىگىلەيمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىپ، كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان گەپ- سۆزلەرنى ئەستايىدىل پەرقلەندۈرۈشكە يېتەكلەيمەن، مۇنەۋۋەر مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن. مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىشقا ئىلھاملاندۇرىمەن.   ياش كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىقىم ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، مەسئۇلىيەتنى جەسۇرانە روھىي ھالەت بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، دەۋرنىڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئالغا باسقۇچىلار، كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانىم قىلىپ، بۇرچنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى