تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

bv1946伟德_韦德国际娱乐_国际伟德手机版1946【亚洲极速通道】

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان جۇڭگو غەربىي يۇرت قار-مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى، دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) بۈگۈن (12-يانۋار) شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.   مۇخبىرنىڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 18 مىڭ 470 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 792 ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى ئالدىن تەسىس قىلىنغان . جەمئىي ئۈچ كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1-نومۇرلۇق كۆرگەزمە سارىيى ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال ئىستېمال سارىيى، 2-نومۇرلۇق كۆرگەزمە سارىيى ساياھەت مەنزىلى سارىيى، 3-نومۇرلۇق كۆرگەزمە سارىيى شىنجاڭ قار-مۇز ساياھىتى سارىيى قىلىپ ئايرىلغان. شۇنىڭدەك، 9-، 10-، 11-، 12-، 13-يانۋار كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىنىڭ كىرىش بېلىتى بېسىپ تارقىتىلغان. شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچىدىكى 320 «سەككىز يېرىم» تاللا بازىرى، 21 كەچلىك گېزىت تارقىتىش پونكىتى ۋە ئەتراپتىكى چوڭ تىپتىكى مەھەللە كومىتېتلىرى، 20 ئادەمسىز تاللا بازىرى، 100 تەنتەربىيە لاتارېيەسى سېتىش پونكىتى، 10 چوڭ تىپتىكى سودا سارايدىن ھەقسىز كىرىش بېلىتىنى ئېلىۋالسا بولىدىكەن ھەمدە يىپەك يولى ۋە بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدىن ئىبارەت ئالتە قار تېيىلىش مەيدانىدىمۇ ھەقسىز بېلەت تارقىتىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى