تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

bv1946伟德_韦德国际娱乐_国际伟德手机版1946【亚洲极速通道】

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىدا  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى  جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 1- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى ئېچىشنى قارار قىلدى.   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.   يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا ئالاقىدار ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى. سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى 20- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسى(لايىھە)، كۈنتەرتىپى، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ دائىرىسى قاتارلىقلار ماقۇللاندى. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ تەكلىپى بويىچە بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى مۇنداق بېكىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى 5- يىغىنىنىڭ تەكلىپ بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلاش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)غا قاراپ چىقىش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىغا قاتنىشىدىغان ئورۇنلار، ساھەلەر ئايرىمىسى تەسىس قىلىش ۋە ئەزالار نامزاتى ئىسىملىكى (لايىھە)نى كېڭىشىش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(لايىھە) ۋە سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى(لايىھە)غا قاراپ چىقىش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى(لايىھە)گە قاراپ چىقىش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىدىكى ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ 2017- يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاش؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرىغا قاراپ چىقىش؛ رەئىسلەر يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق يىغىنىدا ھەل قىلىنىپ بولۇنمىغان ئىشلارغا قاراپ چىقىشىغا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)غا قاراپ چىقىش.   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشاد ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، باش كاتىپ خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA دا چېمپىيون بولدى
  • ئۈرۈمچىدىكى بالىلار دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى
  • پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىدا داغدام قەدەم ئېلىپ ماڭماقتا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى