تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

bv1946伟德_韦德国际娱乐_国际伟德手机版1946【亚洲极速通道】

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنى 2018- يىللىق 1- قېتىملىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى       يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 1- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- قېتىملىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىز، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن يادرو كۈچى، ھەقىقەت كۈچى ۋە ئېتىقاد كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، مەركەزنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي ئېغىشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، تارىخىي نەزەرنى تۇرغۇزۇپ، نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىيەت قارىشىنى ئۆستۈرۈپ، بىلىم ساپاسىنى بېيىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىنقىلابىي روھ، ئىنقىلابىي ئىرادىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئېغىشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ھالقىلىق ئاز سانلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئېتىقادتا، سىياسىيدا، مەسئۇلىيەتتە، ئىقتىداردا، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سىياسىيدا سەگەك، ئۆگىنىشتە ئاڭلىق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، خەلققە كۆيۈنىدىغان، ئىستىلدا سەمىمىي، تۇرمۇشتا پاك ئادەم بولۇپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىسلاھات- يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، خەۋپ- خەتەرنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. كۈلپەت ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تەكشۈرۈش، باھالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىستىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىشى كېرەك.   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى يېڭى دەۋردە يولغا قويۇلغان يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېزا ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قاتناش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى خەلق تۇرمۇشىدىكى يىللىق نۇقتىلىق ئەمەلىي ئىش قاتارىغا كىرگۈزۈپ، «ياخشى ياساش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئاسراش، تىرانسپورت تىجارىتىنى ياخشى قىلىش»تىن ئىبارەت يېزا يولى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشتىكى راۋانلىق تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى